7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى

50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

2153281
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى بىردەك ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى،  بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى، بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا ۋە ئىتالىيەدىن تەشكىل تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىتالىيەنىڭ ساياھەت رايونى بورگو ئېگنازىيادا چاقىرىلغان 50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئىككىنچى كۈنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

باياننامەدە، 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىسرائىلىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.»

«ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى بىردەك ئەيىبلەيمىز،  بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز، بۇ ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بارلىق تەرەپلەرنى پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىمىز.»

باياننامەدە، 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش» تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى، ھاماس بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا، ھاماسقا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەرمۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ھاماسقا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلىندى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياننامەدە، مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇكرائىناغا داۋاملىق ھەربىي، خامچوت، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قايتا قۇرۇش جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا ۋەدە بېرىمىز. ئۇكرائىنانىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشتىكى مۇھىم پىلان لايىھەلىرىنى قوللايمىز.»

ئىراننىڭ 13-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇملىرى ئەيىبلەنگەن باياننامەدە، ئەدەن قولتۇقى ۋە قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يەمەندىكى خۇسىيلار مەھبۇس تۇتۇۋاتقان ماتروسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىنغان باياننامەدە، ئافرىقانىڭ ساھىل رايونىدىكى بىخەتەرلىك،  تېررورىزم، توقۇنۇشلار ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ خەۋپ شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى، شۇنداقلا ساھىل رايونىدىكى دۆلەتلەردىن ئاساسىي قانۇن تەرتىپىگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىشى تەلەپ قىلىندى، 7 دۆلەت گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياننامەدە، سۇداندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلدى:

«بارلىق تاشقى ئاكتىيورلارنى بۇ ئوتنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا، سۇدانلىق ئاكتىيورلارنى بولسا مىللىي سۆھبەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر