قاراتاغدا پەلەستىننى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتسادا ۋېلىسىپىت ئەترىتى تەشكىل قىلىنىپ، پەلەستىننى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

2153266
قاراتاغدا پەلەستىننى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پودگورىتسادا پەلەستىن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەرىكىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭ!»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك بېرىلسۇن!» شوئارى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتگە ئونلارچە ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەر قاتناشتى.

قاراتاغ پارلامېنتىنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغان قارارنى ماقۇللاش» قا چاقىرغان بىر قىسىم ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەر، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك بېرىلسۇن!»، «چۈنكى ئەركىنلىك ئىمتىياز ئەمەس، بەلكى پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقىدۇر» دېگەن خەتلەر يېزىلغان مايكا كىيدى.

پائالىيەت ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تىنچ ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر