گۇتېررېس، قاشىقجى جىنايىتىنىڭ ئىشەنچلىك رەۋىشتە تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا «ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

1108205
گۇتېررېس، قاشىقجى جىنايىتىنىڭ ئىشەنچلىك رەۋىشتە تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، قاتاردا 18 – نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرى جەريانىدا، مۇخبىرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ئىشەنچلىك رەۋىشتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازالىنىشى ئاساستۇر» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى نىكاھلىنىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن كىرگەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، 20 – ئۆكتەبىردە قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدا چىققان جېدەلدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «بىر – بىرىگە چېتىشلىق دۇنيادا سىياسەتنىڭ بەلگىلىنىشى» تېمىلىق 18 – نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرى ئىككى كۈن داۋاملاشتى.

يىغىنغا دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سومالى باش مىنىستىرى ھەسەن ئەلى خەيرى، ب د ت نىڭ 73 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقى مارىيا فېرناندا ئېسپىنوسا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ۋە ئوخشاش بولمىغان ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر