پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا چاقىرىلغان 39 – نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.

1103480
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى، 2025 – يىلىغىچە ئىقتىساد ھەمكارلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق پارس قولتۇقى بازىرى يولىدىكى بارلىق توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى ۋە بىرلەشمە پارس قولتۇقى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىگە كېرەكلىك ھەربىي خادىملارنىڭ تېز سۈرئەتتە تولۇقلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

باش كاتىپ ئابدۇللەتىف زەييانى تەرىپىدىن ئوقۇلغان يېپىلىش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەزا دۆلەتلەر پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە بولغان ساداقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

دوكلاتتا، رايوندىكى ساقلىنىۋاتقام مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەشتە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ رولى، كۈچى ۋە ئەزالىرىنىڭ بىرلىك – باراۋەرلىك ئىستىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش، قانۇنغا رېئايە قىلىش ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسدىە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دوكلاتتا، رايون ۋە خەلقئارالىق توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تاشقى سىياسەت بەلگىلىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، پەلەستىن دەۋاسىغا، يەمەنگە ۋە دوست دوست دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالدىمىزدىكى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىنغا باشلىقلار دەرىجىسىدە كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ ۋە بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئەلخەلىيفە ئىشتىراك قىلدى. قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئوماننىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتناشمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشىتراك قىلىشى ئۈچۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىغا رەسمىي تەكلىپنامە ئەۋەتتى، بىراق ئال سانى يىغىنغا ئىشتىراك قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر