قاتار پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارس قولتۇقى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1103158
قاتار پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارلىق بىر ئەمەلدار بايانات بېرىپ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ بۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا چاقىرىلىدىغان 39 – نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، قاتارنىڭ يىغىنغا مىنىستىر دەرىجىسىدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەششەرق» گېزىتىمۇ، «بارلىق ئىشارەتلەر قاتار ئەمىرىنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدا قاتار ھەيئىتىگە رىياسەتچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دەپ خەۋەر بەرگەنىدى.

قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –قنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بۈگۈن دۆلىتىدە چاقىرىلىدىغان 39 – نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىغا تەكلىپنامە يوللىغان، تەكلىپنامە، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باش كاتىپى ئابدۇللەتىف ئەززەييانى تەرىپىدىن قاتارنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى سۇلتان بىن سەئىد ئەلمەرىھىغا يەتكۈزۈلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى بىلەن تەڭ پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس باش كۆتۈرگەنىدى.

قاتارنى مۇھاسىرىگە ئالغان 4 دۆلەت، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن دوھا دائىرىلىرىدىن ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى، ئەلجەزىرە قانىلىنى تاقىۋېتىش قاتارلىق 13 ماددىلىق شەرتنى ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلغان، قاتار بولسا، خەلقئارا قانۇنغا زىت ھېچقانداق تەلەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەلەپلەرنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر