ئامېرىكا يەمەندە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت يەمەندە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىشكە چاقىردى.

1100739
ئامېرىكا يەمەندە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يەمەندە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى سەممىي بولۇشقا ۋە دۈشمەنلىكنى تۈگىتىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت، شىۋېتسىيەدە ئەتە (6-دېكابىر) يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن شىئە ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتچى ناۋۇرت باياناتىدا يەمەن خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەمەندە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى سەممىي بولۇشقا ۋە دۈشمەنلىكنى تۈگىتىشكە چاقىرىدۇ، دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گىرىففىتنىڭ يەمەندىكى سىياسىي كۈچلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ سۆھبەتكە ئۆتكۈزۈشكە قايىل قىلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناۋۇرت، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى، بىراق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت تۇنجى قەدەمنىڭ تاشلىنىشىنىڭ ياخشىلىقتىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ناۋۇرت يەمەن خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن توقۇنۇشتىن مۇرەسسەلەشىشىكە ئۆتۈشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: يەمەندە تىنچلىق، مۇقىملىق، پاراۋانلىق ۋە ئامانلىق بەرپا بولسا نېمىشقا بولمىغىدەك، بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشقانلار يەمەن تارىخىنىڭ پارلاق سەھىپىلىرىدىن  ئورۇن ئالىدۇ.»

يەمەندە قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان شىئە ھۇسىيلار، 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا، ھۇدەيدە پورتى ۋە بەزى رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلدىن بۇيان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

ئۈچ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا مىڭلارچە يەمەنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بۇ يىل 6-سېنتەبىردە يەمەن مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنى شىئە ھۇسىيلارنىڭ قاتناشماسلىقى تۈپەيلى نەتىجىلىك ئاخىرلاشمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر