ياپونىيە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تەۋە بىر نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئاراللاردا چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1099488
ياپونىيە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دائىرىلىرى خىتايغا تەۋە بىر گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا جايلاشقان تالاش-تارتىشلىق رايوندىكى گاز ساھەسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ ياپون ئەمەلدارلىرىنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بىر گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ توكيونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات رايونىغا يېقىن جايلاردا گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىخىدې سۇگا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆز ئالدىغا قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىشى بىلەن ياپونىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانىڭ ھازىرغىچە ئېنىق بېكىتلمەسلىكى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.»

سۇگا ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوندا  قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1947-يىلدىكى بىر خەرىتىگە ئاساسەن جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايونلارنىڭ %80نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسا فىللىپېن، ۋېېتنام، برۇنې ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا ھەربىي بازا قۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، رايوندىكى  دۆلەتلەردىن سىرت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ قارشى چىقماقتا.

خەلقئارا جەمئىيەتتە پاراسېل ۋە سپراتلىي دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ تاقىم ئاراللار، ۋېېتنام تەرىپىدىن خوڭ سا ۋە ترۇئوڭ سا، خىتاي تەرىپىدىن شىشا ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرى دېگەن ناملار بىلەن ئاتالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر