ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئافغانىستاننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 474 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىشنى ۋەدە قىلدى.

1096714
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدىكى ب د ت ئىشخانىسىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئافغانىستان كونفېرانسى» دا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ياردەم پىلان كېلىشىمى ئىمزالاندى.

خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا مەسئۇل ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نېۋېن مىمىكا بىلەن ئافغانىستان مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ھۇمايۇن كائۇمى تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا 474 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىدىكەن.

ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ، ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئىسلاھاتى، سەھىيە، ئەدلىيە، سايلام، كۆچ ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزاسى مىمىكا كېلىشىم ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستاننىڭ گۈزەل كېلەچەك بەرپا قىلىشى ئۈچۈن ئافغانىستان ۋە ئافغانىستان خەلقىنى قوللىماقتا» دېدى.

كېلىشىمدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىقتىسادىي ياردەم پىلانىنىڭ 311 مىليون ياۋرولۇق قىسمى ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىغا، 31 مىليون ياۋرولۇق قىسمى ئەدلىيە ساھەسىگە، 80 مىليون ياۋرولۇق قىسمى سەھىيە ۋە ئوزۇقلىنىشقا، 15.5 مىليون ياۋرولۇق قىسمى سايلام باسقۇچلىرىنى قوللاشقا، 37 مىليون ياۋرولۇق قىسمى كۆچ ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغانلارغا قىلىنىدىكەن.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئافغانىستانغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىس ۋېلس ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كونفېرانس ھەققىدە توختىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىنىڭ، تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا قارىتىلغان ئىسلاھاتلاردا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، شۇنداق بولسىمۇ قىلىنىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ كونفېرانسنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى تالىباننى دەرھال ئۈستەلگە كېلىپ، تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن زىرىككەنلىكىنى، ئەمدى تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تالىبان گەرچە تىنچلىق دەۋاتقان بولسىمۇ، زوراۋانلىقلارنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا ھۇجۇملارنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ-كۆرۈشمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا، تالىباننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماستىن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن كۇپايىلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر