ئاقساراي، ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئارگېنتىنادا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئارگېنتىنادا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1096281
ئاقساراي، ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ئارگېنتىنادا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، دونالد ترامپنىڭ ئارگېنتىنادا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

جون بولتون،  ئارگېنتىنادا مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ترامپنىڭ پىروگراممىسى ۋە ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىغا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ترامپنىڭ، يىغىن دائىرىسىدە ئارگېنتىنا، خىتاي، رۇسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىدىن كېيىن ترامپنىڭ مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن ئارگېنتىنادا  كۆرۈشۈپ – كۆرۈشمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ياق، نۆۋەتتە پىرېزىدېنتنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى (غا ئاجرىتىلغان ۋاقىت) پۈتۈنلەي توشۇپ كەتتى، بىر ئاز ئىلگىرى بۇ ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بەردىم» دەپ جاۋاب بەردى.

جون بولتون يەنە، جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار ئاۋاز لېنتىلىرىنى ئاڭلاپ – ئاڭلىمىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «لېنتىنى تىڭشىمىغانلىقىنى، ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈن، تىڭشىسىمۇ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى، بىراق يېزىققا ئايلاندۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئوقۇغانلىقى» نى ئېيتتى.

ئارقىدىن سەھنىگە چىققان ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بولسا، رەسمىي پىروگراممىنىڭ سىرتىدا ترامپ بىلەن مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ كۆرۈشۈش ئېھتىمالىنىڭ بار – يوقلۇقى توغرىسىدا توختىتىلىپ، «بۇ خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، «تېخى قاشىقجى مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەل قىلغۇچ پاكىتلار (نەتىجىلەر) نى كۆرمىدۇق. يېڭى دەلىللەرنى كۆرگەنسېرى ئۇنىڭغا قاراپ پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر