خىتاي ئامېرىكانىڭ «ئوغرىلىق»بىلەن ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكانىڭ «تېخنولوگىيە ئوغرىلاش»بىلەن ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1093344
خىتاي ئامېرىكانىڭ «ئوغرىلىق»بىلەن ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خىتاينى «تېخنولوگىيە ئوغرىلاش»بىلەن ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا سودا ۋەكالەتخانىسى خىتاينىڭ «تېخنولوگىيە  ئوغرىلىغانلىقى»توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بو دوكلاتنى «تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق»دەپ سۈپەتلىدى.  

مىنىستىرلىق باياناتچىسى گاۋ فېڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دوكلاتنى «قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى»ئەسكەرتتى.

 ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «مۇۋاپىق شارائىت بەرپا قىلىش»قا چاقىرغان گاۋ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سالىدىغان گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز ، دېدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادىل بولمىغان سودا سىياسەتلىرىنى ھازىرغىچە ئۆزگەرتمەي كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقلى مۈلۈكنى دەپسەندە قىلىش ۋە مۇھىم سودا ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

دونالد ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى دېگەنىدى: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق، سۆھبىتىمىز ياخشى ئۆتتى. سودا بولۇپ نۇرغۇن تېما ئۈستىدە پاراڭلاشتۇق، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن يەنە ئارگېنتىنادا چاقىرىلىدىغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىمۇ كۆرۈشىمىز.»

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ناۋادا ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئارگېنتىنادىكى ئۇچرىشىشىدىمۇ  كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە ھاسىل بولمىسا، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئۈچىنچى باسقۇچلۇق تامو ژنا بەلگىلىمىسى يولغا قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

نۆۋەتتە خىتايدىن ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان 250 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى يولغا قويۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق قوشۇمچە تاموژنا بېجى بەلگىلمىسى 267 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللاردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنى مەزمۇن قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر