جەنۇبىي كورېيە پاراخوتى دەتالاشلىق ئارالغا يېقىنلاشتى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ دېڭىز ئوكيانلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پاراخوتى، ياپونىيە بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرىغا تېما بولۇۋاتقان شەرقىي دېڭىزدىكى (ياپون دېڭىزى) دەتالاشلىق ئاراللارغا يېقىن جايدىن ئۆتتى.

1089317
جەنۇبىي كورېيە پاراخوتى دەتالاشلىق ئارالغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنى مەنبە قىلغان ھالدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەكشۈرۈش پاراخوتى كورېيەلىكلەر «دوكدو»، ياپونىيەلىكلەر «تاكېشىما» دەپ ئاتاپ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان دەتالاشلىق ئاراللارغا يېقىن جايدىن ئۆتكەن.

ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىخىدې سۇگا، «رازىلىقىمىز بولماي تۇرۇپ بىزگە خاس ئىقتىسادىي رايونىمىزدا ياكى دېڭىز تەۋەلىكىمىزدە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز. بۇنىڭغا كۈچلۈك رەۋىشتە نارازىلىق بىلدۈردۇق» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ رايونغا چارلاش كېمىسى يوللىشىدىن كېيىن دەتالاشلىق ئاراللاردىن يىراقلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر