ئەردوغان بىلەن ترامپ پارىژدا كۆرۈشتى

پايتەخت پارىژغا كەلگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كۆرۈشتى.

1085424
ئەردوغان بىلەن ترامپ پارىژدا كۆرۈشتى
erdogan-trump fransa2.jpg
erdogan-trump fransa1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 100-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش مەقسىتىدە، پايتەخت پارىژغا كەلگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تۇنجى بولۇپ ئورساي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن "پىكاسسو بلىيۇ ئې روس"ناملىق يەرمەنكىگە ئىشتىراك قىلدى.

مۇزېيدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، مولدوۋىيە پىرېزىدېنتى ئىگور دودون ۋە رەپىقىسى گالىنا دودون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە خانىم فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون تەرىپىدىن دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن رەپىقىلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشتى.

زىياپەتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يانمۇ يان ئولتۇردى.

ئەردوغان  بىلەن ترامپ ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر