ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتتى

ياۋوپا ئىتتىپاقى ساياھەت چەكلىمىسى ۋە بەزى شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدىغان چەكلىمىلەرنىڭ مۇددىتىنى يەنە 1 يىل ئۇزارتتى.

1082607
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلاغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋېنېزۇئېلاغا قورال ئېمبارگوسى قويۇش، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە بەزى شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدىغان چەكلىمىلەرنىڭ مۇددىتىنى يەنە 1 يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دېموكراتىك قائىدە-پىرىنسىپلار ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلمىغان ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشى سادىر قىلغان 18 ئەمەلدارغا قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسى ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش قويۇشنى، شۇنداقلا ئىچكى بېسىمنى كۈچەيتىشتە ئىشلىتىلىدىغان تەدبىرلەر ۋە قورال ئېمبارگوسىنى مەزمۇن قىلىدىغان چەكلىمىلەرنىڭ مۇددىتىنىڭ 2019-يىلى 14-نويابىرغىچە ئۇزارتىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

چەكلىمىلەرنىڭ مەسىلىلەرگە دېموكراتىك چارىلەرنى تېپىش ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي مۇقىملىقنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قويۇلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ۋېنېزۇئېلادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرىگە بارلىق سىياسىي قاتلام ۋە گۇرۇھلارنىڭ قاتنىشىشى لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، چەكلىمىلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە قارىتىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەندىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر