دونالد ترامپ ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1082290
دونالد ترامپ ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق ساراي باغچىسىدا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

دونالد ترامپ 10ۋە 11نويابىردا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇرۇش توختۇتۇش كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، بەلكىم بۇ پائالىيەتتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ پۇتىنغا قاراتقان ھالدا: «پارىژدا بىرەر ئۇچرىشىشىمىز بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن. بەلكىم كۆرۈشمەسلىكىمىز مۇمكىن» دېدى.

ترامپ پۇتىن بىلەن ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ يەنە، بۇ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان نىككى ھالېينىڭ ئورنىغا تەيىنلەش ئالدىدا تۇرغان دائىمىي ۋەكىلنىڭ كىملىكىنىمۇ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. 

ئامېرىكا مېدىياسى ھازىرمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھېدېر نائۇرتنىڭ ترامپ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن نامزاتلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر