قاتار غەززەگە ياردەم قىلدى
قاتار خەيىر-ساخاۋەت ئورگىنى غەززەگە 14 مىليون 500 مىڭ رىيال ئىئانە قىلدى.
1081506
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار خەيىر-ساخاۋەت ئورگىنى غەززەگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى دائىرىسىدە 14 مىليون 500 مىڭ رىيال ئىئانە يىغىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئورگان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ يىل 7-ئۆكتەبىردە باشلىغان غەززەگە ياردەم قىلىش سەپەۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاخىرلاشقانلىقى، پائالىيەتتە تەخمىنەن 4 مىليون دوللار ئىئانە يىغىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
قاتار خەيىر-ساخاۋەت ئورگىنى غەززەدە بەزى لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پات يېقىندا خىزمەت باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ 2006-يىلدىن يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان مۇھاسىرە سىياسىتى ۋە پەلەستىنلىك گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرۈش سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلار يۈز بەرمەكتە.