ئامېرىكا قاشىقچى دېلوسىغا چېتىشلىق سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو قويىدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ژۇرنالىست قاشىقچى دېلوسىغا چېتىلىشق سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ۋىزىلىرىنى بىكار قىلىپ ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

1074319
ئامېرىكا قاشىقچى دېلوسىغا چېتىشلىق سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالسىت جەمال قاشىقچى (خاشۇقچى)نىڭ ئۆلۈمىگە چېتىشلىق بارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرىنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرگە ۋىزا بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئېمبارگو قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

پومپېيو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ژۇرنالىست قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرلۈشى توغرۇلۇق توختالدى.

مىنىستىر پومپېيو: بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن  ژۇرنالىست قاشىقچىنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىستىخبارات ۋە باشقا مىنىستىرلىقلارغا قاراشلىق بەزى مەسئۇللارنىڭ ئامېرىكا ۋىزاسى بىكار قىلىنىدۇ، ۋىزا بېرىلمەيدۇ، ھەتتا ئېمبارگو قويۇلىدۇ، دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىق كىشىلەرگە ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىسى ۋە «دۇنيا ماگنىتسىكاي ئىنسان ھەقلىرى مەسئۇلىيەت قانۇنى»دائىرىسىدە ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە قاشىقچى جىنايىتىگە دائىر يېڭى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقسا ئۇنىڭغا ئاساسەنمۇ قايتىدىن ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پومپېيو: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ژۇرنالىست قاشىقچىنىڭ ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلىنىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، دېدى.

قاشىچقى دېلوسىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان مىنىستىر پومپېيو مۇنداق دېدى: «ژۇرنالىست قاشىقچى دېلوسىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بىز تۈركىيە دائىرىلىرىدىن دېلو توغرۇلۇق ۋاقتىدا مەلۇمات ئېلىۋاتىمىز، تۈركلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز، تۈركىيە دائىرىلىرى سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭمۇ يېقىندىن ماسىلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزدى. »

مىنىستىر پومپېيو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەنمۇ قاشىقچى دېلوسىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللارنىڭ سانى 21 ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر باياناتچى: مىنىستىرلىقىمىز كۆچمەنلىك ۋە پۇقرالىق قانۇنىنىڭ روھى بويىچە، ۋىزا ئىگىسىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ياكى ۋىزا ئېلىشقا شەرتى توشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئاساسەن ۋىزىلارنى بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دېدى.

باياناتچى قاشىقچى جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن  سەئۇدى ئەرەبىستانلىق 21 ئەمەلدارنىڭ ۋىزاىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى، 2018-يىلى 2-ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىز-دېرىكى بولمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمتى بولسا 20-ئۆكتەبىردە «قاشىقچىنىڭ كونسۇلخىدا يۈز بەرگەن جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى»بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر