ئادىل ئەل جۇبەير: قاشىقجى ۋەقەسىگە چېتىشلىق جاۋابكارلارنىڭ ھەممىسىنى نازارەتكە ئالىمىز

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىدىن كېيىن قۇرۇپ چىقىلغان يېڭى سىستېما سايىسىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1073916
ئادىل ئەل جۇبەير: قاشىقجى ۋەقەسىگە چېتىشلىق جاۋابكارلارنىڭ ھەممىسىنى نازارەتكە ئالىمىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير ھىندونېزىيەنىڭ پاتەختى جاكارتادا ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بايانات بېرىپ، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو بىلەن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئادىل ئەل جۇبەير سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلىشى ئۈچۈن تۈركىيەگە ھەيئەت يوللىغانلىقىنى ۋە ژۇرنالىستنىڭ ئۆلۈمىگە جاۋابكارلىقى بولغان بارلىق كىشىلەرنىڭ نازارەتكە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنىڭ تۇلۇق بىر شەكىلدە ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىلىدىغان مېخانىزم ئارقىلىق بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارشۇدى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھىندونېزىيەنىڭ جەمال قاشىقجى ۋەقەسىدىكى تەكشۈرشۈلەرنىڭ ئوچۇق يورۇق بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەب قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مارشۇدى بىلەن جۇبەيرنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، بىخەتەرلىك، سېلىنما، ساياھەت ۋە سودىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بويىچە ئالدىنقى يىلى تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي كېلىشىملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەيرنىڭ بۈگۈن ھىندونېزىيەدىن قايتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ۋىدودو تۈنۈگۈن جۇبەير بىلەن بوگوردىكى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، قاشىقجى ۋەقەسىگە دائىر تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئوچۇق يورۇق بولۇشىنى تەلەب قىلغان ئىدى.

ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى 2018يىلى 2ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20ئۆكتەبىردە بايانات ئېلان قىلپ، جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر