مېركېل: سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاشىقچى ۋەقەسى ئېنىقلىنىپ بولغۇچە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىلمەيدۇ

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋەقەسى ئېنىقلاپ چىقىلماي تۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1073606
مېركېل: سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاشىقچى ۋەقەسى ئېنىقلىنىپ بولغۇچە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېسسېن ئۆلكىسى ئورتېنبېرگتىكى سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرىگە قاتنشقان مېركېل، پارتىيە ئەزالىرىىغا خىتاب قىلغاندا،  سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋەقەسى ئېنىقلاپ چىقىلماي تۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا بولغان ئىشلارغا قارىمامسىلەر، نېمىدېگەن قەبىھ قىلمىشلار – ھە! شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۇ ۋەقە چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىلىشى كېرەك، ئەگەر بۇ ۋەقە ئېنىقلاپ چىقىلمىغان تەقدىردە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال - ياراغ ئېكسپورت قىلىنمايدۇ.»

سەئۇدى ئەرەبىستان گېرمانىيە بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئالجىرىيەدىن قالسا ئەڭ كۆپ قورال - ياراغ ساتقان ئىككىنچى دۆلەت بولدى.

گېرمانىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەخمىنەن 47 مىليون ياۋرولۇق قورال - ياراغ ساتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20 – ئۆكتەبىر كۈنى، 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر