كانادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدىيو سەئۇدى ئەرەبىستانغا جەمال قاشىقچى ۋەقەسى تۈپەيلى قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1073564
كانادا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدىيو سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىچقى (خاشۇقچى)نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزۈلگەن15 مىليارد قىممىتىدىكى مۇداپىئە سانائىتى كېلىشىمىنى توختىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر تىرۇدىيو فېدراتىپ پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن سوئال-جاۋاب يىغىنىدا ئۆكتىچى يېڭى دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئەكسىچە كانادانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى نېمىشقا توختاتمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « بۇرۇنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىز سېتىپ بەرگەن قوراللارنى كېلىشىمنىڭ روھىغا زىت ھالدا ئىشلەتكەندە، قورال سېتىپ بېرىشنى توختاتقانىدۇق، بۇ قېتىممۇ بۇنى قىلىمىز .»

باش مىنىستىر تىرۇدىيو يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىمۇ كانادانىڭ ژۇرنالىست قاشىقچى جىنايىتىنىڭ ئېنىقلىنىشىدا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كانادا ھۆكۈمىتى 2014-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا «يېنىك تىپلىق قوراللىق ماشىنا»( Light Armoured Vehicles)نى سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، لېكىن 2015-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن جاستىن تىرۇدىيو بۇ كېلىشىمنى توڭلىتىپ قويغانىدى.

كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا كانادا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا 928 يۈرۈش « يېنىك تىپلىق قوراللىق ماشىنا »سېتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ماشىنىلاردىن پەقەت 354لا  ھەربىي خادىم ئېلىپ ماڭالايدۇ، 119ى بولسا ھۇجۇم خاراكتېرلىك بولۇپ بۇلارغا 105 مىللىمېتىر ئۇزۇنلىقتىكى توپ ئوقلىرى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر