ياۋروپا ئىتتىپاقى قاشىقجى ۋەقەسىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنىڭ ئىشەنچلىك شۇنداقلا ئوچۇق – ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپانىڭ كۆپلىگەن ئىدارە – ئورگان ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن خىزمىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى ژۇرنالىستلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «قاشىقجىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ۋە 1963 – يىلىدىكى ۋىيېننا كونسۇلخانىلار ئەھدىنامىسىنىڭ ھەيران قالارلىق شەكىلدە دەپسەندە قىلىنىشى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
موگېرىنى، ۋەقەنىڭ خۇسۇسەن 1963 – يىلدىكى ۋىيېننا كونسۇلخانىلار ئەھدىنامىسىنىڭ «كونسۇلخانا جايلاشقان دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى» نى مەزمۇن قىلغان 55 – ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، قاشىقجىنىڭ خاتىرىسى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ئادالەتنىڭ نامايان بولغانلىقىنى كۆرۈش ھەققى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار ئەتراپلىق، ئىشەنچلىك ۋە ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈش داۋاملىشىشى، جاۋابكارلارنىڭ ھېساب بېرىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى لازىم» دېدى.
رىياد دائىرىلىرى، 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدىكى جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.