ھىندىستاندا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدە بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ فېستىۋال ئۈچۈن رېلىس ئەتراپىدا يىغىلغان كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 58 كىشى قازا قىلدى، 50 كىشى يارىلاندى.

1072398
ھىندىستاندا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارشى تەرەپتىن كەلگەن باشقا بىر پويىزنىڭ قېچىش يولىنى توسۇۋېلىشى سەۋەبىدىن، كۆپ ساندا كىشى پويىزنىڭ ئاستىدا قالغان.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 58 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان، قازادا يارىلانغان 50 كە يېقىن كىشى ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر