خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى باشقا ساھەلەرگە يېيىلامدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1062514
خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى باشقا ساھەلەرگە يېيىلامدۇ؟

2013-يىلى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ ئامېرىكانى زىيارەت قىلغاندا  ۋاشىنگتىون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى «ئەر-خوتۇنلۇق»مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاجراشسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. لېكىن 2018-يىلغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ «ئەر-خوتۇنلۇق»مۇناسىۋىتى «ئايرىلىش»قا دۇچ كەلمەكتە. بۇ ئايرىلىش ياكى «ئاجرىشىش»ئەھۋالى ئىقتىسادى ساھەدىلا ئەمەس ھەربىي، سودا، تېخنولوگىيە ھەتتا سىياسىي ساھەلەردىمۇ  كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي پارخوتى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خىرسىغا دۇچ كەلدى، سودا ساھەسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جەڭ  باشلىدى، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويدى، ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىمۇ ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلمەكتە، ئامېرىكا  مەجلىسىدە خەلقئارا تەرەققىيات سېلىنما قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى، بۇ لايىھەنىڭ خىتاينىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول ئىستىراتېگىيەسىگە رەقىب بولالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى پات يېقىندا ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلمەكتە. قىسقىسى، نۆۋەتتە ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن دېگۈدەك ھەر قايسى ساھەلەردە زىددىيەت بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا.

ئىقتىسادى جەھەتتە بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن دۇنيا بويىچە ئىككى چوڭ دۆلەت بىر-بىرىدىن ئايرىلامدۇ؟ئەگەر بۇ مۇناسىۋەت ئايرىلسا قانداق شەكىلدە ئايرىلىدۇ؟ ئۆز-ئىختىيارلىقى بىلەنمۇ ياكى جېدەل بىلەنمۇ؟ سودا ساھەسىدا باشلىغان زىددىيەت قانداق بولۇپ تېز سۈرئەتتە باشقا ساھەلەرگىمۇ تارقالدى؟ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت دۇنيا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر