پۇتىن ئىدلىب مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا قورالسىزلاشتۇرۇلغان رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ ئىدلىبتە قان تۆكۈلۈشىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1061806
پۇتىن ئىدلىب مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئېنېرگىيە ھەپتىسى پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

پۇتىن ئامېرىكىنڭ سۈرىيەدە تۇرۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا سۇرىيەدە تۇرۇش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلماقتا» دېدى.

پۇتىن تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن سوچى كېلىشىمىگە باھا بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، رايوندا قان تۆكۈلىشىنى توسۇپ قالغان ئىنتايىن ياخشى بىر كېلىشىم بولدى. رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن كېلىشىم ئىجرا قىلىنماقتا»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 17سىنىتەبىردە سوچىدا كۆرۈشۈپ، ئىدلىبتىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداپ قىلىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر