بولتون ئىرانغا قارىتا تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىرانغا قارىتا تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلدى.

1056950
بولتون ئىرانغا قارىتا تەھدىت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون، ئىران ھاكىمىيىتى «ئۆلۈم چاچىدىغان ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتمىسە، ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولىدۇ... بۈگۈن سۆزۈم ناھايىتى ئېنىق، سىزلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز ۋە پېشىڭلارنى قويىۋەتمەيمىز» دېدى.

جون بولتون، نيۇ يوركتا داۋاملىشىۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئىران توغرىسىدا ئېغىر سۆزلەرنى قىلدى. ئۇ ئىرانغا قارىتىپ، «ئەگەر ئىتتىپاقداشلىرىمىز، شېرىكلىرىمىز ۋە خەلقىمىزگە زىيان يەتكۈزسەڭلار، قىيامەت قايىم بولىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ ئۆلۈم چاچىدىغان ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتمىسە، ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولىدۇ... بۈگۈن سۆزۈم ناھايىتى ئېنىق، سىزلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز ۋە پېشىڭلارنى قويىۋەتمەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، شەنبە كۈنى ئاھۋاز شەھىرىدىكى ھەربىي پارات ئەسناسىدا يۈز بېرىپ 25 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر