جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېىن بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىلقى ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى پىيوڭياڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

1051651
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا
Moon Jae-in-Kim Jong-un2.jpg
Moon Jae-in-Kim Jong-un1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋرىرى: ناھايىتى چوڭ بىر ھەيئەتنىڭ ھەمرالىقىدا پىيوڭياڭغا بارغان مۇن جائېىن، يېقىنقى 11 يىلدا ئىككى قېتىم شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سېئۇل ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قوزغىلىپ سېرىق دېڭىز ئۈستىدىن بىۋاسىتە ئۇچۇش سىزىقىنى بويلاپ 80 مىنۇتتا پىيوڭياڭغا بارغان مۇن بىلەن رەپىقىسى كىم جوڭسۇكنى ئايروپىلان قونغان سۇنان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا كىم جوڭئۇن، سىڭلىسى كىم يوجوڭ ۋە رەپىقىسى رى سولجۇ قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى.

مۇن جائېىنغا 21 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ئاساسىي كۈنتەرتىپى يادرو قورالىسزلىنىشتىن ئىبارەت بولغان بۇ قېتىمقى رەسمىي زىيارىتىدە سامسۇڭ، LG ۋە Hyundai Moto غا ئوخشاش تېخنولوگىيە گۇرۇھلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ ھەمراھ بولماقتا.

مۇن جائېىن بىلەن كىم جوڭئۇن 27 – سېنتەبىردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەن ۋە يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان قوشما باياناتىدا، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي خالىيلاشتۇرۇلۇشى، مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مۇن جائېىن، شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا كىم جوڭئۇننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قولمۇقول تۇتۇشقان ھالدا ئالدى بىلەن چېگرانىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىگە ئۆتكەن، ئارقىدىن جەنۇبىي كورېيە تەرىپىگە قايتقانىدى.

ئىككى پىرېزىدېنت ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي يىغىندىن كېيىن، 26 – مايدا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.


خەتكۈچ: #كورېيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر