ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن ئاخشام ئارقىمۇ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 26 كىشىگە يەتتى.

1044489
ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن باياناتچىسى ناسرات راھىمى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈنۈگۈن ئاخشام كابۇلنىڭ داشتى بارچى رايونىدا چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تەنتەربىيە زالىدا ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بەرگەن زادەم بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 26 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 2 مۇخبىرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن راھىمى 91 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

راھىمىي يارىدارلار ئارىسدىمۇ 4 مۇخبىرنىڭ بارلىقىنى، يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

تۈنۈگۈن ئەخشام بىر ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى كابۇلنىڭ داشتى بارجى رايونىدىكى چېلىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تەنتەربىيە زالىغا كىرىپ، بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان ئىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولسا، ۋەقەنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن نەخ مەيدانغا كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان يەنە بىر ئادەم بومبا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر