فىرانسىيە رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى ئىدلىبتىكى سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاگنېس ۋون دېر مۈھل، «رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى زوراۋانلىقنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش يولىدىكى قەدەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

1042716
فىرانسىيە رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى ئىدلىبتىكى سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى مۈھل، «سۈرىيە مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەملىك، ئىشەنچلىك ۋە سىجىل چارە تېپىش ئۈچۈن، سۈرىيە كىرىزىسىدىكى ئاساسىي ئاكتىيورلار بىلەن بىرگە بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن يېقىن ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى مۈھل ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «فىرانسىيە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىدلىبقا قىلغۇسى چوڭ بىر ھۇجۇمىدىن قايغۇرماقتا» دېدى ۋە ئىدلىبقا قىلىنىدىغان بىر ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يېڭى بىر ئىنسانىي پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى درىئاننىڭ دېگىنىدەك ئىدلىبقا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، «بەزىلەرنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خاتا مەلۇمات بېرىش سەپەرۋەرلىكىگە ئۆتكەنلىكى» نى ئېيتتى.

«فىرانسىيە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار قىزىل سىزىقىدا چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى دەلىللەنسە، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەيياردۇر» دېگەن مۈھل، فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شۇ ۋەجىدىن فىرانسىيە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنى پۇقرالارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى زوراۋانلىقنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. سۈرىيە مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەملىك، ئىشەنچلىك ۋە سىجىل چارە تېپىش ئۈچۈن، سۈرىيە كىرىزىسىدىكى ئاساسىي ئاكتىيورلار بىلەن بىرگە بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن يېقىن ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر