ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۈرىيە سىرتىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى لىبېرمان ئىراننىڭ سۈرىيە سىرتىدىكى بازىلىرىغىمۇ ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1042278
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ سۈرىيە سىرتىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ئىراننىڭ سۈرىيە سىرتىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇددۇستا چاقىرىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرى لىبېرمان مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆزىمىزنى سۈرىيە زېمىنلىرى بىلەنلا چەكلاپ قويمايمىز.»

ئىراننىڭ سۈرىيە سىرتىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان لىبېرمان: ئىراننىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى تاقابىل تۇرىمىز، دېدى.

لىبېرمان سۆزىدە ئىراننىڭ قايسى دۆلەتلىرىدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالمىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇمۇ 30-ئاۋغۇستتا بەرگەن باياناتىدا سۈرىيە ۋە ئىرانغا تەۋە بازىلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغانىدى.

ئىسرائىلىيە يېقىنقى مەزگىللەردە سۈرىيەدىكى ئىرانغا تەۋە بازىلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغاندىن بۇيان سۈرىيە ۋە گولان تۆپىلىكىدىن ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا پات-پات راكېتامىيوت ئېتىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان ھىزبۇللاھ كۈچلىرى ۋە ھاكىمىيەتكە تەۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر