ئامېرىكا سۈرىيە ئۈچۈن 300 مىليون دوللار ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى

دونالد ترامپ سۈرىيەگە بېرىلىدىغان پۇللارنى ئامېرىكىنىڭ ئەمەس سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ تۆلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1035169
ئامېرىكا سۈرىيە ئۈچۈن 300 مىليون دوللار ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا 300 مىليون دوللار ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىق 300  مىليون دوللارنىڭ 100 مىليون دوللىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، 50 مىليون دوللىرىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە توختالدى.

ترامپ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاجراتقان 230 مىليون دوللارنى بېرىشتىن قۇتۇلدى.»

دونالد ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېرىشتىن قۇتۇلغان بۇ پۇللارنى بۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى باي دۆلەتلەرنىڭ تۆلەيدىغانلىقلىرىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر