تالىباننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى كۆپەيمەكتە

ئافغانىستاندا تالىباننىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

1032953
تالىباننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ باگلان ۋىلايىتىدە 38 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇم بىلەن، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئۈچۈن يوقىتىشنىڭ 200 دىن ئاشقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان باگلان ۋىلايىتىدىكى ھۇجۇم ئالائاددىن رايونىدىكى ھەربىي بازىغا ئېلىپ بېرىلدى.

رەسمىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇمدا 38 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان، بىراق ئافغانىستان تاراتقۇلىرى جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر سانىنى 45 دەپ ئېلان قىلغان.

تالىباننىڭ تۈنۈگۈن (14-ئاۋغۇست) كېچە زابۇل ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي بولغان كالات شەھىرىدىكى ھەربىي تەكشۈرۈش نۇقتىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ ھۇجۇمدا 12 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.

تالىبان تۈنۈگۈن ئەتىگەندە فەرياب ۋىلايىتىدە 20 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان يەنە بىر ھۇجۇمنى پەيدا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر