سېنېگاللىقلار تۈركىيە ئۈچۈن سەپەرۋەر بولدى
سېنېگاللىقلار تۈركىيە ئىقتىسادىنى قوللاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىقتىسادىنى قوللاشنى ئارزۇ قىلغان سېنېگالىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر-بىرلىرىگە تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.
سېنېگاللىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرك ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) شىركىتى، چايكۇر، مارمارابىرلىككە ئوخشاش تۈرك شىركەتلىرى بولۇپ 30 دەك تۈرك شىركىتىنىڭ ئىسىم ۋە ماركىلىرىنى ھەمبەھرىلەشمەكتە.
يېقىن-يورۇقلىرىنى بۇ ماركىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تۈركىيە ئىقتىسادىنى قوللاشقا ۋە تۈرك ماركىلىرىنى ئىشلىتىشكە چاقىرغان سېنېگاللىقلار، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى بولسا بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا.
سېنېگاللىقلار 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلمىغان مەقسەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقچى بولىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
سېېنگاللىقلار بىر-بىرلىرىگە ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىپ، تۈرك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.
سېنېگاللىقلار بۇ پائالىيەتنى ئىزچىل دۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
سېنېگاللىقلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى « تۈركىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. ئەگەر تۈركىيەگە بىر ئىش بولسا ھەممىمىز تۈگىشمىز»دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.