رۇسىيە ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ ئامېرىىكنىڭ ئۆزىگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1030890
رۇسىيە ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە دائىرلىرى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو  قارارى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەندىن باشقا، نېفىت سودىسىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسيە دوللار ئورنىغا مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئانتون سىلۇئانوۋ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا سودىدا خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر يەنە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاز ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سىلۇئانوۋ: ئامېرىكا مۈلۈكلىرىگە ئاز مەبلەغ سېلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاز سالىمىز. دوللار ئورنىغا ياۋرو ۋە خەلق پۇلى ئىشلىتىمىز، دېدى.

رۇسىيەدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئويلاشمىغانلىقلىرىنى ئېيتقان سىلۇئانوۋ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكىغا زىيان سالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر