پېنتاگون باياناتچىسى تۈركىيەنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

پېنتاگون باياناتچىسى ماننىڭ تۈركىيەنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى توغرا چۈشىندىغانلىقلىرىنى، مۇنبىچ پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1027309
پېنتاگون باياناتچىسى تۈركىيەنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى ماننىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش، جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن پوپ برۇنسون ئۈچۈن تۈركىيەگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ، مۇنبىچ ھەرىكەت پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان تۈركىيە بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىمىز، بىز ئىنتايىن سادىق بولغان مەسىلىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى قىسمى ۋە ناتو قىسىملىرى قوماندانى سكەپېراتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «مۇنبىچتا ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان ۋە مۇنبىچتىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ھەل قىلىش چارىسىغا داۋاملىق بويسۇنىمىز. تۈركىيە يېقىن ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر، ئۇلارنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى توغرا چۈشىنىمىز. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، مۇنبىچ ھەرىكەت پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ مۇنبىچتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىرلىكتە چارلاش مەسىلىسىدە تەييارلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇلارغا ۋاقىت كېرەك. تەييارلىقلار پىشىپ يېتىلىشتىن بۇرۇن چارلاش ئېلىپ بېرىپ، بىخەتەرلىكنى خەتەرگە ئىتتىرەلمەيمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) باياناتچىلىرىدىن ئېرىك پاخون: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ناتونى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە مېڭلارچە قېتىم ئورتاق چارلاش ۋە مانېۋىرلارنى قىلغان دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېمە ئۈچۈن مۇنبىچتا ئېلىپ بېرىلىدىغان كىچىك كۆلەملىك چارلاشنىڭ تەييارلىقلىرى بۇنچىۋالا ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ؟» دېگەن سوئالغا، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«مۇنبىچ ھەرىكەت پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلىرىمىزنى باشلىشىمىزغا بىر قانچە ئاي ۋاقىت كەتتى، بۇنىڭ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. كېيىنچە، دوستلارچە سۆھبەتلىشىشنى باشلىدۇق ۋە بۇ ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇنىڭدا ئىنچىكە تەپسىلاتلار يوق ئىدى، شۇڭا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا ئومۇمىي ھەرىكەت پىلانى بار بولۇپ، ئارىدىكى بوشلۇقلارنى ھەل قىلىشقا باشلىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەم، ئوخشاش نۇقتىدا ئىكەنلىكىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بېرىش بولىدۇ. بىزنىڭ تاكتىكا، تېخنىكا ۋە تەرتىپلىرىمىز، تۈركىيەنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، بىرلىكتە چارلاشتىن بۇرۇن ھەر بىرىمىز ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت مەيدانىدا قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىمىز ھەققىدە ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈركىيەگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، تەلىم-تەربىيەنىڭ تۆت ھەپتىدىن ئالتە ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر