ياپونىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپتە كۆمۈلگەن قورال – ياراغ تېپىلدى

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغانلىقى تەخمىن قىلىنغان ققورال – ياراغ تېپىلدى.

1026869
ياپونىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپتە كۆمۈلگەن قورال – ياراغ تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بانكوك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، نىشىتوكيو شەھىرىدىكى تاناشى باشلانغۇچ مەكتەپىدە يېڭى قۇرۇلۇش ئۈچۈن يەرنى كۆلاش جەريانىدا، 1400 دانە قورال ۋە 2000 قىلىچ تېپىلغان.

قول بومبىسى، ئوق ۋە توپ ئوقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قورال – ياراغلارنىڭ 1945يىلىدىكى 2دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن كېيىن، كۆمۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان.

ياپونىيەدە ئۇلتۇراق رايۇنلاردا پارتلىمىغان بومبا ۋە قوراللار پات پات تېپىلىپ تۇرىدۇ.

بىراق بىرلا قېتىمدا بۇ قەدەر يۇقىرى مىقداردا قورال – ياراغ تېپىلىشىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر