ئىسرائىلىيەدە ئىرقچى قانۇنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدە «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1025977
ئىسرائىلىيەدە ئىرقچى قانۇنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت»قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئون مىڭلارچە نامايىشچى ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان بىراق يەھۇدىي بولمىغانلارنى ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالىق سالاھىيىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان دۈرزى ئەرەبلىرىنىڭ باشچىلىقىدا پايتەخت تېل ئاۋىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا نۇرغۇن ئادەم ئاۋاز قوشتى.

ئون مىڭلارچە ئادەم قاتناشقان نامايىشتا نامايىشچىلار «بارۋەرلىك تەلەپ قىلىمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئار توۋلاشتى.

مەزكۇر قانۇننى تەنقىد قىلغان مەزمۇنلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇنىمۇ ئەيىبلەشتى.  

ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا 19-ئىيۇلدا ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن ماقۇللانغان «يەھۇدىي مىللىي دۆلەت قانۇنى» ئىككى پۇقرالىق ئەندىزىسىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

مەزكۇن قانۇن بىلەن 8 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ %20نى تەشكىل قىلىدىغان ئەرەبلەر ئىككىنچى سىنىپ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر