ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 1 – ئاۋغۇستتىن 5 – ئاۋغۇستقىچە مالايشىيا، سىنگاپۇر ۋە ھىندونېزىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1023240
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا،  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئونىڭ 1 – ئاۋغۇستتىن 5 – ئاۋغۇستقىچە مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇر، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتا ۋە سىنگاپۇردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پومپېئونىڭ كۇئالالۇمپۇردا مالايشىيا دائىرىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناۋېرت، مالايشىيادا سايلامدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پومپېئونىڭ سىنگاپۇر زىيارىتى جەريانىدا «شەرقىي ئاسىيان مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى» غا قاتنىشدىىغانلىقىنى ھەمدە سىنگاپۇر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىۋىئان بالاكرىشنان بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، پومپېئونىڭ كېيىنچە ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېتىپ بېرىپ، بۇ يەردە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر