ھەنىييە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1021992
ھەنىييە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەنىييە بىلەن قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەدنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرگە، غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇھاسىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى، رايوندىكى كىرىزىسنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ھەنىييەنىڭ قاتارنىڭ پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى، غەززەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەر دۇچار بولۇۋاتقان كۈلپەتلەرنىڭ يەڭگىللىتىلىشى يولىدا نامايان قىلغان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر