رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ «قىرىم خىتابنامىسى» غا ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، دۆلىتىنىڭ، ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىش قىلمىشىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1019901
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ «قىرىم خىتابنامىسى» غا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېئو، «قىرىم خىتابنامىسى» دېگەن نام ئاستىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ 2014 – يىلى قىرىمنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ چېگرالىرىنى كۈچ ئىشلىتىپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پومپېئو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خىتابنامىسىنىڭ چېگرالارنى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماددىسىنى رۇسىيەنىڭمۇ قوبۇل قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا «1940 ۋېللېس خىتابنامىسىدىكىگە ئوخشاش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كرېمىلنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ھالدا كۈچ ئىشلىتىپ قولغا كىرگۈزگەن زېمىنلاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىنى رەت قىلىش سىياسىتىنى قايتىدىن تەكىتلەيدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىتتىپاقداشلىرى، شېرىكلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىش قىلمىشىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئۇكرائىنا زېمىن پۈتۈنلۈكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغۇچە بۇ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنى «خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇش ۋە قىرىمنى ئىشغال قىلىشتىن ۋاز كېچىش» كە چاقىرغان پومپېئو، «رۇسىيە، بۈيۈك بىر مىللەتكە ياراشمايدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلدى ۋە  ئۆزىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە يالغۇزلاشتۇرۇش يولىنى تاللىدى» دېدى.

پومپېئو ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ تۈنۈگۈن چاقىرىلغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يىغىنىدىمۇ ئوخشاش قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ۋېللېس خىتابنامىسى، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ، بالتىق دۆلەتلىرىدىن ئېستونىيە، لىتۋانىيە ۋە لېتونىيەنى ئىشغال قىلىۋېلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ساممېر ۋېللېس تەرىپىدىن 1940 – يىلى 23 – ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئىشغالنى رەت قىلىشنى مەزمۇن قىلاتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قىرىمنى رۇسىيەنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلماسلىقنى رەسمىي سىياسەت قىلىپ بېكىتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن قىرىم خىتابنامىسىگە فەيسبۇك ئادرېسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.

زاخاروۋا، باياناتنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قارارى بىلەن ۋاشىنگتون چېكىنىپ چىققان ئىران يادرو كېلىشىمى ۋە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىگە سېلىشتۇرۇپ، «ھالبۇكى، ئىران يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدىكى ئورتاق ھەرىكەت پىلانى ۋە پارىژ كىلىمات كېلىشىمىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەسمىي سىياسىتى ئىدى. (شەخسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك) ئوباما مۇشۇنداق قارار قىلغانىدى. بىراق، كېيىن ترامپ ئالدى ۋە قارارنى ئۆزگەرتتى. بۇ <كېلەچەكنى بەلگىلەيدىغان باياناتلار> نىڭ قىممىتىنى بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر