فىرانسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولغانلىقىنى تەن ئالدى

فىرانسىيە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھەربىي تەلىم بەرگەنلىكىنى تەن ئالدى.

1018871
فىرانسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولغانلىقىنى تەن ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى تەن ئالدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى قوماندانلىقىغا قاراشلىق  پۇقرا-ئەسكەر پائالىيەتلىرى مەركىزىنىڭ باشلىقى فىرانسىيەلىك گېنېرال فىرېدېرىك پارىستوت، بۆلگۈنچى تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ لىق تېررورچىلارغا ھەربىي تەلىم بەرگەنلىكلىرىنى ئىتىراپ قىلدى.

فىرانسىيەلىك گېنېرال فىرېدېرىك پارىستوت ۋىدېئو كونفىرانىس ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگونغا ئۇلىنىپ،  سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدە مەلۇمات بەردى.

سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ رايونلاردىن دائېشنىڭ تولۇق تازىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پارىسوت: دائېشنىڭ بۇ زېمىنلاردا قوراللىق كۈچ سۈپىتىدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىقىمىز كېرەك، شۇڭا بىز  بىر تەرەپتىن ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھەربىي تەلىم بېرىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ ئۇنسۇرلىرىغىمۇ ھەربىي تەلىم بېرىۋاتىمىز، دېدى.

پارىسوت ئۆزلىرى ھەربىي تەلىم بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىكى دائېش تېررورچىلىرى تازىلانغاندىن كېيىنمۇ رايوندا «ۋەزىپە»ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى بۇرۇنمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر