نىكاراگۇئا پىرېزىدېنتى قاتىللارغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلەندى

نىكاراگۇئا پىرېزىدېنتى دانيېل ئورتېگا نامايىشچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مائاشلىق ئەسكەرلەرگە يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلەندى.

1018165
نىكاراگۇئا پىرېزىدېنتى قاتىللارغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىكاراگۇئا پىرېزىدېنتى دانيېل ئورتېگا مەملىكەت مىقىياسىدا ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 300دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن «مائاشلىق ئەسكەر»لەرنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى رەت قىلدى.

ئورتېگا « فوكس خەۋەر»قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نىكاراگۇئادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا 300دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن «مائاشلىق ئەسكەرلەر»نىڭ كەينىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، بۇ «مائاشلىق ئەسكەرلەر»نىڭ كەينىدە سىياسىي ئۆكتىچىلەر ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىرېزىدېنت ئورتېگا مۇنداق دېدى: «نىكاراگۇئا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ۋەھىملىك تەتۈر تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.  تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزگەن نامايشىچلارغا قەتئىي چېقىلمىدۇق.»

خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئورتېگا، نىكاراگۇئادا 2021-يىلغىچە سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كاتولىك چېركاۋى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى بولسا نامايىشچىلار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئورتېگا، كاتولىك دىنى ئۆلىملارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا مەسئۇلىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.

نىكاراگۇئادا سوغۇرتا ئىسلاھاتلىرىغا قارشى باشلىغان نامايىشلار ئاپرېلدا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

نىكاراگۇئادىكى نامايىشلاردا ھازىرغىچە 300دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

نامايىشچىلار پىرېزىدېنت دانيېل ئورتېگا ۋە ساندىنىستا مەملىكەتلىك ئازادلىق ھەرىكىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر