ترامپ بىلەن پۇتىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكىنىڭ فوكس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1013820
ترامپ بىلەن پۇتىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى ھېلسىنكىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دونالد ترامپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلەرنى روياپقا چىقىرىش بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، ئىجابىي دىيالوگنىڭ ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم رۇسىيە ھەم دۇنيا ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پەقەت كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ناچار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن «بۇنى بىر قانچە سائەتتىن بۇيان ئۆزگەردى، دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇنىڭدىن كېيىن پۇتىن بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ئۇچرىشىشتا، رۇسىيەنىڭ 2016 – يىلىدىكى ئامېرىكا سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەتالاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، بۇ سەۋەبلىك موسكۋانى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ، بۇنىڭغا ئالاقىدار سىگناللارنىڭ «ئايرىم ئۇچرىشىشتا ئەڭ ياخشى شەكىلدە يەتكۈزۈلگەنلىكى» نى تىلغا ئالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت ئاجراتتىم. پۇتىنمۇ بۇنى كۈچلۈك شەكىلدە ھېس قىلدى ۋە ئۇنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئۆزگىچە پىكىرلىرى بار» دېدى.

رۇسىيەنىڭ 2016- يىلىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەر ئۈستىدىكى داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشكە ئامېرىكىغا نىسبەتەن «پالاكەت» دەپ باھا بەرگەن ترامپ، بۇنىڭ ئىككى دۆلەتنى بىر – بىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ يەنە، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇتۇقلۇق كۈرەشلىرىمىزدىن ئىراننىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىگە يول قويمايمىز. دائېشنى رايوندىن يوقىتىپ تاشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ترامپ، ئۇچرىشىشتا ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئىسرائىلىيە توغرىسىدا توختىلىپ، «پىرېزىدېنت پۇتىنمۇ ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ھەر ئىككىمىز بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتۇق ۋە ئۇلارمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مۇئەييەن ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ھەم ئۆزى ھەم پۇتىن كۆرۈشنى خالايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، سۈرىيە مەسىلىسىدە پائال ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئارمىيەلىرىمىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن سىياسىي رەھبەرلەرگە قارىغاندا ياخشى ئۆتمەكتە. سۈرىيەدىمۇ ياخشى ئۆتۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا، يىغىننىڭ سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭغا «پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك» دەپ باھا بەردى.

پۇتىن، رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كېلەچەكتىكى ئەھۋالى، شۇنداقلا خەلقئاراغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قىيىن پەيتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئاشكارىدۇر، بىراق، جىددىي كەيپىياتتا يۈز بەرگەن بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئوبيېكتىپ سەۋەبى يوق. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقىلى ئۇزۇن بولدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش ئۆتمۈشتە قالدى، دۇنيادىكى ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئۆزگەردى» دېدى.

رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە پەرقلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن پۇتىن، تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن، پۈتۈن بۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «بۈگۈنكى ئۇچرىشىش، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەلبىي ھالەتنى تۈزىتىشكە ئالاقىدار ئورتاق ئارزۇيىمىزنى نامايان قىلماقتا، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشى يولىدىكى تۇنجى قەدەملەردۇر» دېدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كۈچىگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق ۋە ئاممىۋىي قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرىدە دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكىغا تەلەپلەرنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

پۇتىن، تېررورىزم ۋە تور ھۇجۇمى مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇچرىشىشتا، ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى سايلاملارغا مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەتالاشلارنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «قانچە قېتىم دېگەن نەرسەمنى تەكرارلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم؛ رۇسىيە ھېچقاچان سايلام مۇساپىسى قاتارلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى ۋە ئارىلىشىشقا تەييارلىق قىلمايۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر