ئىراقنىڭ ئۈچ چوڭ ۋىلايىتىدە كوچىغا چىقىش چەكلەندى

ئىراقنىڭ بەسرە، كەربەلا ۋە نەجەف ۋىلايەتلىرىدە باش كۆتۈرگەن نامايىشلار سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت كوچىغا چىقىشنى مەنئىي قىلدى.

1012591
ئىراقنىڭ ئۈچ چوڭ ۋىلايىتىدە كوچىغا چىقىش چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ بەسرە، كەربەلا ۋە نەجەف ۋىلايەتلىرىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ناچارلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە خىزمەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن باش كۆتۈرگەن نامايىشلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە كوچىغا چىقىش مەنئىي قىلىندى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوفىستېر، ئىراقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بەسرە، كەربەلا ۋە نەجەف ۋىلايەتلىرىدە باش كۆتۈرگەن نامايىشلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە كوچىغا چىقىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.  

نامايىشلارنىڭ كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى،  ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقماسلىقى ۋە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلۇپ كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

بەسرە، بابىل، كەربەلا ۋە نەجەف ۋىلايەتلىرىدە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە خىزمەت قىلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق تۈنۈگۈنمۇ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كەربەلا شەھىرىدە يۈزلەرچە نامايىشچى ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ ۋىلايەت مەجلىس بىناسىغا رۇخسەتىسز كىرىشكە ئۇرۇنغان.  

ئىراقنىڭ جەنۇبىي شەھەرلىرىدە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ناچارلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە خىزمەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن باش كۆتۈرگەن نامايىشلار ھېلىھەم داۋملاشماقتا. نامايىشچىلار بەزى شەھەرلەردە شىئە پارتىيەلىرىنىڭ بىنالىرىغا ئوت قويۇۋەتتى.

ئىراقنىڭ جەنۇبىدا باشلىنىپ باغدادقا كېڭەيگەن نامايىشلار سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئىنتېرنېتنى كېسىپ تاشلىدى.

بەسرە خەلقىمۇ ئىشسىزلىق ۋە ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ناچارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشتا ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر نامايىشچى ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر