رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا جاۋاب قايتۇردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىئا زاھاروۋا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەنى ئەيىبلەپ شىمالىي ياۋروپا ۋە بالتىق رايونلىرىدا ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1011921
رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زاھاروۋا ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا 11 – 12 – ئىيۇل كۈنلىرى چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيەنىڭ ئەيىبلىنىشىنىڭ ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتقا ئاساسلانمايدىغانلىقىنى، يىغىندا چىقىرىلغان بارلىق قارارلارنىڭ دىققەت بىلەن ئانالىز قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى ئەيىبلەشنى باھانە قىلىپ، بالتىق رايونلىرىدا ۋە شىمالىي ياۋروپادا ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە.»

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئەسىرى» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن زاھاروۋا، «گېرمانىيەدىكى ھەربىي بازىلاردا 35 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار، بۇ گېرمانىيەنى ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ كونتىرول قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بىزنىڭ گېرمانىيەدە سودا ئىشلىرىمىز بار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بولسا ھەربىي بازىلىرى بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر