ئىران ھىندونېزىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مەسۇمە ئەبتەكار ھىندونېزىيەدىن 2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

1011123
ئىران ھىندونېزىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىدىن  2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.

ھىندونېزىيە ئانتارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ  بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت يۇسۇف كاللانىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن ھىندونېزىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئىران ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مەسۇمە ئەبتەكار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىدىن 2015-يىلى ئىمزالانغان ئىران يادرو كېلىشىمىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان ئەبتەكار، كېلىشىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ياخشى بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن كۆرۈشۈشتە نېفىت، گاز، سودا ۋە ئىقتىسادقا ئوخشاش مەسىلىلەردىن سىرت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەبتەكار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدىمۇ بىلەن كۆرۈشتى.

بۇ يىل ماي ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلىشىغا نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر