رۇسىيە گىرېتسىيەدىن «ئىنتىقام»ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە گىرېتسىيەنىڭ رۇس دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە گىرېتسىيەنىڭ رۇس دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلىشىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيەنىڭ 2 رۇس دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى، 2 رۇس دىپلوماتىنى بولسا چېگردىن كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىشىغا ئوخشاش تەرىقىدە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىق باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ گىرېتسىيەنىڭ رۇس دىپوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
باياناتچى مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنىڭ بۇ ئىشىغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىمىز.»
گىرېتسىيەدىكى «كاتىمېرىنى»گېزىتىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ 4 رۇس دىپلوماتنى « دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ كېلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىش»بىلەن ئەيىبلەپ، 2 رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى، 2سىنى بولسا چېگرادىن كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.