قارادېڭىزدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئۇكرائىنانىڭ ساھىبخانلىقىدا قارادېڭىزادا «دېڭىز شامىلى -18» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1008465
قارادېڭىزدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ ساھىبخانلىقىدا قارادېڭىزادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېڭىز شامىلى -18»ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا 17 دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى قاتنىشىدۇ.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر كېلەر دۈشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

تىنچلىقىنى قوللاش ھەربىي ھەرىكىتى ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردە ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرى ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقىدىن  « ياۋۇز ھەربىي پاراخوتى»، «يىلدىراي دېڭىز ئاستى پاراخوتى»، كۆپ دۆلەتلىك دېڭىز بىخەتەرلىكى قوماندانلىق مەركىزىگە قاراشلىق كۆچمە تەلىم-تەربىيە ئەترىتى قاتناشتۇرۇلىدۇ.  

ھەربىي مانېۋىرغا تۈركىيەدىن سىرت ئامېرىكا، بۇلغارىيە، كانادا، گىرۇزىيە، لىتۋانىيە، مولدوۋا، نورۋېگىيە، رۇمېنىيە، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، دانىيە، ئېستونىيە، ئۇكرائىنا ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر