ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولدى.

1007779
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېئو شىمالىي كورېيەدە كەسپدىشى رى يوڭخو ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار كىم يوڭچول بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بايانناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئۇچرىشىشلاردا، رايوننىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مەسىلىلەردە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان، ھەمدە كورېىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى قايتۇرۇش بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر