ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تەھدىتى ۋېنېزۇئېلانى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلىتىنى ئىشغال قىلىش پىلانى دەۋالىرى توغرۇلۇق ئارمىيەنى «ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈش» كە چاقىردى.

1007110
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تەھدىتى ۋېنېزۇئېلانى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسىگە قىلغان چاقىرىقنامىسىدە مۇنداق دېدى: «قىلچىمۇ دىققەتسىزلىق قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھۇزۇر ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەققى بولغان مۇستەقىللىقىمىزنى قوغدايمىز.»

تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرىگە دۆلىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلانى ئىشغال قىلىش لازىملىقى توغرۇلۇق بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ئاۋغۇست ئېيىدا ئاقسارايدا ۋېنېزۇئېلاغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق يىغىن چاقىرغان ترامپنىڭ، يىغىش ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا مەسلىھەتچىلىرىگە قاراپ، «تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولۇۋاتقان ۋېنېزۇئېلا رايونغا تەھدىت سالماقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نېمىشقا بۇ بالايىئاپەتلىك دۆلەتنى ئىشغال قىلمىسۇن؟» دەپ سورىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋە سابىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ى. ر ماكماستېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەخسلەرنىڭ ترامپنىڭ پىكرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىغا ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر