100 دۆلەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تەخمىنەن 100 دۆلەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان «سەھىيە مىنىستىرلىرى يغىنى» دا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

1007256
100 دۆلەتنىڭ سەھىيە مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھىمايىسى ۋە تۈركىيە ئورگان فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا 18 – 19 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئانتاليانىڭ كەمەر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا، ئافرىقىدىن ياۋروپاغىچە، لاتىن ئامېرىكىدىن ئاسىياغىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىغىنغا، خەلقئارا ئورگان كۆچۈرۈش ئورگىنى – ITN دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان سېنېگال، نىگېرىيە، كېنىيە،  ئېفىيوپىيە، مىسىر، مالايشىيا، ھىندىستان، پاكىستان، ماراكەش، تۇنىس ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق 76 دۆلەتتىن سىرت يەنە، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

مىنىستىرلار يىغىندا، ئورگان كۆچۈرۈشتە يول خەرىتىسىنى بەلگىلەيدىغان ۋە «ئورگان كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار جىنايەتلەرگە قارشى  كۈرەشتە يەر شارى خاراكتېرلىك ساغلاملىق دىپلوماتىيەسى» ناملىق باياننامىنى ئىمزالايدۇ.

سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خەلقئارا ئورگان كۆچۈرۈش ئورگىنىمۇ ئورگان كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار جىنايەتلەرگە قارشى  كۈرەشتە ھەمكارلىقنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇۇلۇشىدا باشلامچىلىق رولى ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر