ھىندىستاندا تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە 5 كىشى ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1006503
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تەخمىنەن 2 مىڭ ھىندى ھاجى نامزاتى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارغان ۋە ھىندىلار ئۈچۈن «مۇقەددەس جاي» ھېسابلىنىدىغان «ئامارناس غارى» جايلاشقان رايوندىكى مۇسسون شامىلى قارا يامغۇر سەۋەبلىك تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
بۇ يىل ھەج قىلىش ئۈچۈن غارغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان 10 ھىندى يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.